تۈركىيە گېرمان دىپلوماتنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى

گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ۋەكىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

696433
تۈركىيە گېرمان دىپلوماتنى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىكى ۋەكىلى، گېرمانىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى (BND) باشلىقى برۇنو كاھلنىڭ «15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىغا قايىل بولمىغانلىقى» توغرىسىدىكى باياناتلىرى تۈپەيلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، گېرمانىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى باشلىقىنىڭ باياناتىدىن تۈركىيەنىڭ نارازى بولغانلىقىنىڭ يەتكۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. باياناتتا، «ئىسيانچىلارنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مۇناسىۋەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بايانلىرى، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن ئىلگىرى ۋە شۇ كېچىسى ئۆزئارا قىلىشقان ئالاقە ئارخىپلىرى، ئاقىنجىلار (ئەنقەرە) بازىسىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق پۇقرالار قاتارلىق پۈتكۈل پاكىتلار ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ» دېيىلدى.

ئەزاسى بولغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ نىشانىغا ئاساسەن قانۇننىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنى دەپسەندە قىلغان، قانۇنسىز ھالدا باشقىلارنى ئوغرىلىقچە تىڭشىغان ۋە يالغان ھۆججەتلەرگە ئاساسەن مىڭلارچە بىگۇناھ كىشىگە ناھەقچىلىق قىلغان كۆپلىگەن تەپتىش، سوتچى ۋە ساقچى باشتا بولۇپ، يۈزلەرچە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەنسۇبىنىڭ ھېلىھەم گېرمانىيەدە تۇرۇۋاتقانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان باياناتتا، «مەزكۇر كىشىنىڭ باياناتى، گېرمانىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قىلغان ئەپۇچان ۋە ھىمايە قىلغۇچى پوزىتسىيەسىنىڭ ئارقىسىدىكى تونۇشنى پاش قىلماقتا» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر