«چاناققەلئە زەپىرى تۈركىيە خەلقىنىڭ مىسلىسىز قەھرىمانلىقىنىڭ ئىسپاتى»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چاناققەلئە زەپىرىنىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ  ۋەتىنى، دىنى، ئەركىنلىكى ۋە ئىستىقبالىنى قوغداشتا ھېچنېمىسىنى ئايىماسلىقتەك مىسلىسىز قەھرىمانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

693726
«چاناققەلئە زەپىرى تۈركىيە خەلقىنىڭ مىسلىسىز قەھرىمانلىقىنىڭ ئىسپاتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان 18 – مارت شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەش توغرىلىقمۇ توختىلىپ مۇنداق دېدى: «15–ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى جەريانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىزگە بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى چاناققەلئەنى خەلقئارالىق ئىشغال كۈچلىرىنىڭ مازىرىغا ئايلاندۇرغان كۈرەشچان روھىنىڭ ھېلىھەم جانلىق ۋە مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.»

15 – ئىيۇل كېچىسى ئەڭ زامانىۋى قورال – ياراغلارنىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ ئېگىلمەس – سۇنماس ۋە تىز پۈكمەس ئىرادىسى، مۇستەھكەم ئىمانى ۋە مىسلىسىز قەھرىمانلىقى سايىسىدە ئىشقا يارىمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «<ئىشغال كۈچلىرىنىڭ چاناققەلئەدىن ئۆتەلىشى مۇمكىن ئەمەس> ئېڭىنىڭ ۋارىسى بولغان تۈركىيە خەلقى 15–ئىيۇل كېچىسى ئۆزىنىڭ قانداق مىللەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم پۈتكۈل جاھانغا كۆرسىتىپ قويدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر