مىنىستىر قايا گوللاندىيەنىڭ فاشىتلارچە قىلمىشىنى ب د ت دا پاش قىلدى

ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىر فاتما بەتۈل سايان قايا، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە گوللاندىيەنىڭ ئىرقچى ۋە فاشىست پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

692501
مىنىستىر قايا گوللاندىيەنىڭ فاشىتلارچە قىلمىشىنى ب د ت دا پاش قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر قايا، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ «ئاياللارنىڭ سالاھىيىتى كومىتېتى» دا سۆز قىلدى ؛ سۆزىدە گوللاندىيەدە دۇچ دىپلوماتىك سەتچىلىك توغرىسىدا توختالغان قايا، «گوللاندىيە، دىپلوماتىك چېقىلالماسلىق ھوقۇقىغا ئىگە بىر ئايال مىنىستىرنىڭ پىكىر ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئارقىلىق، ياۋروپا ۋە ب د ت  كېلىشىملىرىگە خىلاپلىق قىلدى. دۇنيا بۇ قورقۇنچلۇق خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

مىنىستىر قايا، «ئاپتوموبىلىمنى قورشىۋالغان ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرىغا ئوق چىقىرىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى. مېنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن يىغىلغان خەلقىمىز ساقچىلارنىڭ ئىتلىرى ۋە ئاتلار بىلەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلە ئۇچرىدى. دۆلىتىم ۋە پۈتكۈل ئاياللار نامىدىن بۇ ئىرقچى ۋە چەت ئەللىك ئۆچمەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەرىكەتنى ئەيىبلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

دېموكراتىيەنىڭ ئاياللار ھوقۇقى، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالەتچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن قايا، «گوللاندىيە دېموكراتىيەنىڭ تۈپ قىممەت – قاراشلىرىنى دەپسەندە قىلىش ئارقىلىق، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئايال مىنىستىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ كونسۇلخانىسىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. پىكىر، يىغىلىش ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكى ئەڭ رەھىمسىز ، زالىمانە ۋە ئېغىر شەكىلدە دەپسەندە قىلىندى. بۇ قىلمىش، 2017 – يىلىدا ھېلىھەم ئاياللار ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى توغرىسىدا ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ ساقلىنىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گوللاندىيە دائىرىلىرى، شەنبە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئايروپىلانىنىڭ قونۇشىغا رۇخسەت قىلمىغان، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان قايانىڭ تۈركىيەنىڭ روتتېردامدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىشىگە يول قويمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر