كۆچمەنلەر كېلىشىمىنىڭ بىكار قىلىنىشى كۈنتەرتىپتە

ياۋروپانىڭ ئىرقچىلارغا تەسلىم بولۇشى ۋە تۈركىيەگە قارىتا رەزىللەرچە سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشى ئەنقەرەنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.

691356
كۆچمەنلەر كېلىشىمىنىڭ بىكار قىلىنىشى كۈنتەرتىپتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرەنىڭ تۈركىيە دۈشمەنلىكى مەسىلىسىدە ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ۋە بەرگەن ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلمىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ياۋروپادىكى كۆچمەنلەرنى قايتا قوبۇل قىلىش كېلىشىمىنى بىكار قىلىشى كۈنتەرتىپكە كەلدى.

تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا 2016 – يىلى 18 – مارت كۈنى ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە ياۋروپاغا كۆچمەن ئېقىنى تۈركىيە تەرىپىدىن توختىتىلغانىدى. قايتا قوبۇل قىلىش كېلىشىمىدىن سىرت يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگە كىرىشلىرىدە تۈركىيە پۇقرالىرىدىن ۋىزا ئالماسلىق ۋە تۈركىيەدىكى مۇساپىرلار ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش پىلانى قاتارلىق كېلىشىملەرگە رىئايە قىلمايۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تۈركىيە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ سەۋر - تاقەت  قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. شۇڭا ئەنقەرە كېلىشىمگە خاتىمە بېرىشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر