تۈركىيە گوللاندىيەنىڭ «ئەدەبسىزلىكى»گە قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى گوللاندىيەنىڭ تۈركىيە مىنىستىرلىرىغا قىلغان ئەدەبسىزلىكىگە قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتتى.

689577
تۈركىيە گوللاندىيەنىڭ «ئەدەبسىزلىكى»گە قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھېلىھەم چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان گوللاندىيەنىڭ تۈركىيە ئەلچىسىنىڭ بىر مەھەل تۈركىيەگە قايتىپ كېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گوللاندىيە دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيە مىنىستىرلىرىغا ئەدەبسىزلىك قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر دىپلوماتىك قائىدە-پىرىنسىپلارغا نامۇۋاپىق ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىپ، تۈركىيە مىنىستىرلىرىنىڭ زىيارىتىگە توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:«نۆۋەتتە بىز دۇچ كېلىۋاتقان بۇ نامۇۋاپىق ۋە خەتەرلىك بەلگىمىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى ۋە ئاقىۋىتىنى پۈتۈنلەي گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بۇ دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسى بىلەن بىر تەرەپلىملىك قاراشنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.»

دېموكراتىيە بىلەن ئەركىنلىككە ئەزەلدىن سادىق بولۇپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان گوللاندىيە دائىرىلىرىنىڭ  بۇ قىلمىشىنىڭ، گوللاندىيەدىكى تۈرك جامائىتىنىڭ دېموكراتىك ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئىززەت-ئابرويىنى دەپسەندە قىلىش بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا، بىرمۇ كۈچ-قۇۋەتنىڭ تۈركىيە بىلەن پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدىكى قانۇنىي، ئىنسانىي ۋە كۆڭۈل مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىيالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسلام ۋە چەت ئەل دۈشمىنى، شۇنداقلا ئىرقچى ۋە نوپۇزلۇق بىر سىياسىي پارتىيە ۋە رەھبىرىنىڭ خاھىشى ئۈچۈن ئېلىنغان بۇ بېسىم خاراكتېرلىك تەدبىرلەردىن كېيىن، بۇ ئىرقچى پارتىيە رەئىسىنىڭ بەرگەن باياناتىنىڭ تۈركىيە توغرۇلۇق ئېلىنغان تەدبىر ۋە قارالارنىڭ كەينىدە كىمنىڭ بارلىقىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە مۇنۇلار بايان قىلىندى: «گوللاندىيەدىكى تۈرك جامائىتى گوللاندىيەدىكى بەزى ئېتنىك ۋە دىنى توپلۇقلارنىڭ سانىنى ئازايتىش ۋە جامەلەرنى بومباردىمان قىلىشنى ياقلاپ كەلگەن بىر سىياسىي پارتىيەگە يول ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىشقا بولمايدۇ. بۇ ئەھۋال ياۋروپا قىممەت-قاراشلىرىغا ۋە دېموكراتىيەگە ئىشىنىدىغان گوللاندىيە ۋە ياۋروپا خەلقلىرىگە ئوچۇق خەۋپ پەيدا قىلىدۇ.»

گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، گوللاندىيەنىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىدىكى بىر مەسئۇلنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان باياناتتا مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «ھېلىھەم چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان گوللاندىيەنىڭ تۈركىيە ئەلچىسىنىڭ بىر مەھەل تۈركىيەگە كەلمەسلىكى توغرۇلۇق ئەلچىگە خەۋەر بېرىلدى. تۈركىيە بىلەن گوللاندىيەدىكى تۈرك جامائىتىنىڭ زىيىنىغا بېرىلگەن بۇ قارارنىڭ، گوللاندىيە بىلەن دىپلوماتىك، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن ئېغىر ئاقىۋەتلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى گوللاندىيە دائىرىلىرىگە بىلدۈرۈلدى. گوللاندىيە خەلقى بىلەن بولغان قەدىناس دوستلۇقىمىزغا زىيان بەرمىگەن ئاساستا، مۇۋاپىق تەرىقىدە گوللاندىيە دائىرىلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا بىلدۈرۈپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر