«گوللاندىيەنىڭ قىلمىشى فاشىزىمنىڭ ئاياغ تاۋۇشىدۇر»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان كۇرتۇلمۇش گوللاندىيەنىڭ قىلمىشىنىڭ فاشىزىمنىڭ ئاياغ تاۋۇشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

689564
«گوللاندىيەنىڭ قىلمىشى فاشىزىمنىڭ ئاياغ تاۋۇشىدۇر»
rotterdam havaalanı.jpg
hollanda polis köpeği.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان كۇرتۇلمۇش گوللاندىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

كۇرتۇلمۇش ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت ئىشلىرى مىنىستىرى فاتما بەتۈل كايانىڭ روتېردامدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە كونسولخانىسى ئالدىدا ماشىنىسىدىن چۈشىشىگە توسالغۇ بولغان گوللاندىيە دائىرىلىرىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنداق ئەدەبسىزلىكلەردىن ۋاز كېچىڭلار، بۇ فاشىزىمنىڭ ئاياغ تاۋۇشىدۇر.»

گوللاندىيە مەسئۇللىرىدىن ئۆزلىرى توغرۇلۇق قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان كۇرتۇلمۇش سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «گولاندىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان 500 مىڭ تۈرك پۇقراسىنى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىشتىن باشقا بىر ئىشقا يارىمايدۇ، بۇ  ئەقىلسىزلىقتۇر، ئۇلارنىڭ كەچۈرۈم سورىشىنى كۈتىمىز.»

نۇمان كۇرتۇلمۇش، تۈركىيە مىنىستىرلىرىغا قىلىنغان ئەدەبسىزلىكلەرنىڭ گوللاندىيەگە قىلچىمۇ پايدىسى يوقلىقىنى، بۇنى ھامان بىر كۈنى چۈشىنىپ يېتىدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھېلىھەم چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان گوللاندىيەنىڭ تۈركىيە ئەلچىسىدىن بىر مەزگىل تۈركىيەگە قايتىپ كەلمەسلىكى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن نۇمان كۇرتۇلمۇش،ئەقىلسىزچە قىلىنغان بۇ قىلمىشلار تۈزىتىلمىگىچە، تۈركىيەنىڭمۇ تېگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ كىرىزىسقا بويسۇنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئارىلىقتا، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان مىڭلارچە تۈركىيە پۇقراسى روتېردامدا تۇرۇشلۇق تۈركىيە كونسولخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ ئولتۇرۇۋېلىش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.

ساقچىلار تۈركىيە پۇقرالىرىغا بېسىملىق سۇ چاچقاندىن كېيىن، ساقچى ئاپشاركىلىرىنى ئىشقا سېلىپ تۈركىيە پۇقرالىرىنى قورقۇتتى.

نامايىشچىلارنىڭ بەزىلىرى ساقچى ئاپشكارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولسا، يەنە بەزى نامايىشچىلار تاياق زەربىسىدىن ھوشىدىن كېتىشتى.

نامايىشنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تۈرك مۇخبىرلارمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

گوللاندىيە تۈرك فېدراتسىيەسى ئەزالىرىمۇ روتېردام ئايرودۇرۇمىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، گوللاندىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.

تۈركىيە گوللاندىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىغا ئىنكاس سۈپىتىدە، گوللاندىيەگە تەۋە دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلارغا كىرىپ-چىقىدىغانلارغا چەكلىمە قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر