چەلىك: گېرمانىيە تۈركىيە بىلەن ئۆزى ئارىسىغا «بېرلىن تېمى» سوقماقتا

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك، گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن ئۆزى ئارىسىدا بېرلىن تېمى سوققانلىقىنى ئېيتتى.

687340
چەلىك: گېرمانىيە تۈركىيە بىلەن ئۆزى ئارىسىغا «بېرلىن تېمى» سوقماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ تەھرىرلەر ئۈستىلى پىروگراممىسىغا قاتناشقان ئۆمەر چەلىك، تۈرك مىنىستىرلارنىڭ گېرمانىيەدە قاتنىشىدىغان يىغىنلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە يۈز بەرگەن يىغىنى كىرىزىسىغا «شۈبھىسىزكى بۇ، ئېغىر بىر كىرىزىستۇر» دەپ باھا بەردى.

يىغىنلارنىڭ ئېچىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشلىرىغا مەھەللىي دائىرىلەرنىڭ ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چەلىك، «سىستېمىلىق بىر توسقۇنلۇق قىلىش بار... تۈركىيە بىلەن ئۆزى ئارىسىغا بىر بېرلىن تېمى سېلىۋاتىدۇ. بىراق بۇ، بۇ يەردە قالمايدۇ» دېدى.

ئۆمەر چەلىك، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆزىدىن پات – پات «تۈركىيە ھېلىھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى خالامدۇ؟» دېگەن سوئاللارنىڭ سورىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «<تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى خالامدۇ؟> دېگەن جۈملىدىكى <ياۋروپا> دېگەن سۆز مۇھىم. قايسى ياۋروپا؟ ئەگەر كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىڭىز (سابىق فىرانسىيە پىرېزىدېنتى نىكولا) ساركوزىينىڭ، (ئاشقۇن ئوڭچى پارتىيە مىللىي فىرونتنىڭ لىدىرى مارىنا) لې پېننىڭ، (ئاشقۇن ئوڭچى ئەركىنلىكلەر پارتىيەسى رەھبىرى گرېت) ۋىلدېرسنىڭ زېھنىدىكى ياۋروپا بولسا، تۈركىيە ھېچقاچان بۇنداق بىر ياۋروپانىڭ ئىچىدە بولۇشنى خالىمايدۇ، بۇنداق بىر ياۋروپانى قانۇنلۇق، دەپمۇ قارىمايدۇ. بىراق، سىياسىي قىممەت – قاراشلار بىلەن بىر گەۋدىلەشكەن، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە توغرىسىدىكى قوش ئۆلچەملەردىن خالىيلاشقان، ياۋروپانىڭ قۇرغۇچى زاتلىرى ئوتتۇرىغا قويغان دائىرىدە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق لايىھەسى بولغان ياۋروپانى كۆزدە تۇتۇۋاتقان بولسىڭىز، تۈركىيە بۇنىڭ تەبىئىي بىر پارچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر