خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئونلارچە چەت ئەللىكنى قولغا چۈشۈردى

دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتى، ئايۋاجىك ناھىيەسى بادەملى يېزىسى دېڭىز قىرغىقىدىن يەل كېمىسىگە ئولتۇرۇپ يولغا چىققان كۆچمەنلەرنى قولغا چۈشۈردى.

680442
خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئونلارچە چەت ئەللىكنى  قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاناققەلئەدە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان چەت ئەل پۇقراسى 60 كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى.

دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە ئەترىتى، ئايۋاجىك ناھىيەسى بادەملى يېزىسى دېڭىز قىرغىقىدىن يەل كېمىسىگە ئولتۇرۇپ يولغا چىققان كۆچمەنلەرنى قولغا چۈشۈردى.

ئىران، كونگو، ئېفىيوپىيە ، كامېرون، ئانگولا، توگو، گانا، جەنۇبىي ئافرىقا ۋە مالى پۇقراسى 60 كۆچمەنگە كۈچۈكقۇيۇدا ئەدىيال، كىيىم – كېچەك ۋە تاماق تارقىتىپ بېرىلدى.

ئارقىدىن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆچمەنلەر ئارابۇسلار بىلەن ئايۋاجىقتىكى مۇساپىرلارنى دۆلەتلىرىگە قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە ئېلىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر