تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا 11 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.

676076
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا تېررورچىلارغا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، يېرىم كېچىدە زاپ رايونىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىنغان ھازىرىي ئۇچۇرنى مۇھاكىمە قىلغان تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بىر ئۆڭكۈرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا تۇرۇۋاتقان تېرورچىلارنى توپقا تۇتتى؛ 17 مىنۇت داۋاملاشقان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تېررورچىلاردىن ئون بىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈنۈگۈنمۇ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاۋاشىن – باسيان ۋە زاپ رايونلىرىدىكى نۇقتىلىرىغا قىلىنغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 8 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان، ئۆڭكۈر، ئورەك ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرى بولۇپ جەمئىي 4 نىشان يوقىتىپ تاشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر