شانلىئۇرفادا پارتلاش يۈز بەردى

شانلىئۇرفانىڭ ۋىرانشەھىر ناھىيەسىدە تەپتىشلەر ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا بىرى نارىسىدە بالا بولۇپ، ئىككى كىشى قازا قىلدى.

675055
شانلىئۇرفادا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شانلىئۇرفا ۋالىيسى ئازىم تۇنا ئاپتوموبىل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 5 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېنىشەھىر مەھەللىسىدىكى تەپتىشلەر ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ ئالدىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتتىق كۈچەيتكەن ساقچىلار نەق مەيداننى داۋاملىق تەكشۈرمەكتە ئىكەن. بۇ ئارىلىقتا، ۋالىي تۇنا ۋىرانشەھىردە 2 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى، تەكشۈرۈش جەريانىدا 26 گۇماندارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر