شەرقىي تىمور پىرېزىدېنتى: ئەردوغان مىسلىسىز لىدېرلىكىنى نامايان قىلدى

شەرقىي تىمور پىرېزىدېنتى تائۇر ماتان رۇئاك، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەڭداشسىز رەھبەرلىكىنى نامايان قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

673868
شەرقىي تىمور پىرېزىدېنتى: ئەردوغان مىسلىسىز لىدېرلىكىنى نامايان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي تىمور پىرېزىدېنتى تائۇر ماتان رۇئاك، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مىسلىسىز رەھبەرلىكىنى نامايان قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ جاكارتا (ھىندونېزىيە) دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەھمەت قادرى شاندەر گۈربۈز، گېرمانىيە، قاتار، كۇۋەيت ۋە مىسىر قاتارلىق 8 دۆلەتنىڭ باش ئەلچىلىرىنىڭ ئىشەنچ مەكتۇپىنى سۇنۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، شەرقىي تىمور پىرېزىدېنتى تائۇر ماتان رۇئاكقا ئىشەنچ مەكتۇپىنى سۇندغاندىن كېيىن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بەردى.

ھەم ئىشەنچ مەكتۇپىنى سۇنۇش ھەم بەزى ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن شەرقىي تىمورغا بارغان گۈربۈز، شەرقىي تىمور پىرېزىدېنتى رۇئاك بىلەن 5 مىنۇت ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان ئۇچرىشىشنىڭ 40 مىنۇت داۋاملاشقانلىقىنى ۋە ناھايىتى مۇسبەت ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گۈربۈز، شەرقىي تىمور پىرېزىدېنتى رۇئاكنىڭ ئۇچرىشىشتا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا بولغان ھەيرانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئورتاقلاشتى.

رۇئاكنىڭ ئۇچرىشىشتا، «15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە ئەردوغان خەلقنى تەشكىللەپ، ئۇرۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى. كىرىزىس پەيتىدە نامايان قىلغان رەھبەرلىكى بىلەن دۇنيادا مىسلىسىز ئۇتۇق ياراتتى» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گۈربۈز، تۈركىيەنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان رۇئاكنىڭ ئەردوغاننىڭ لىدېرلىكىگە ھەيران ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر