لاۋروۋ بىلەن چاۋۇشئوغلۇ گېرمانىيە كۆرۈشىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ 18 – فېۋرالدا گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە كۆرۈشىدۇ.
673113
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، لاۋروۋنىڭ 16-، 17 – فېۋرال كۈنلىرى چاقىرىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش بارىدىغان گېرمانىيە ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، بۇ دائىرىدە تۈركىيەلىك مەنسەپدېشى چاۋۇشئوغلۇ بىلەن 18 – فېۋرالدا مىيۇنخېندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مارىيا زاخاروۋا، لاۋروۋنىڭ بونن شەھىرىدە ئامېرىكىلىق مەنسەپدېشى رېكس تىللېرسون بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ پىلانلانغانلىقىنى، بۇ ئۇچرىشىشقا دائىر تەييارلىقلارنىڭ باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.