رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى زىيارىتى ئەتە باشلىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتىدىن باشلاپ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ.

670465
رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى زىيارىتى ئەتە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 12-فېۋرالدىن 15-فېۋرالغىچە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىن بەھرەيىن، قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەتبۇئات مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى بولغان بەھرەيىندە پادىشاھ ھاماد بىن ئىسا ئەل خەلىپە بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، بەھرەيىنلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى قوبۇل قىلىدىكەن.

زىيارەت دائىرىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بەزى ساھەلەردە ھەمكارلىق كېلىشىملىرى  ئىمزالىنىدىكەن، شۇنداقلا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 13-فېۋرالدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارىدىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن كۆرۈشىدىغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن نايىف بىلەن تەخت ۋارىسى ۋەكىلى مۇھەممەد بىن سەلمان قاتارلىق زاتلارنى قوبۇل قىلىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتىدىن كېيىن قاتارغا ئۆتىدىغان ئەردوغان، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەل سانى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

زىيارەت دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەپسىلىي كېڭەش قىلىنىشى، ئوتتۇرا شەرق ۋە ۋە خەلقئارانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى تەخمىن قىلىنماقتا.  

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەدوغاننىڭ بۇ قېتىم پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇشى مەيلى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتە بولسۇن، مەيلى تۈركىيەنىڭ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىن بولسۇن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر