چاناققەلئەدە ئۇدا بىر قانچە قېتىم يەر تەۋرىدى

چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسىدە تۈنۈگۈن ئەتىگەندىن بۇيان ئۇدا بىر قانچە قېتىم يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى.

666664
چاناققەلئەدە ئۇدا بىر قانچە قېتىم يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن 5.3 بال ئېغىرلىقتىكى ئىككى ئايرىم يەر تەۋرەشتە 5 كىشى يېنىك يارىلاندى، 12 يېزىدا 300 ئۆي گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى ياكى زىيانغا ئۇچرىدى.

ئايۋاجىك ناھىيەسىدە دەسلەپ تۈنۈگۈن ئەتىگەن سائەت 6 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، ئارقىدىن سائەت 13 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە 5.3 بال ئېغىرلىقتا ئىككى قېتىم يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، كۆپ قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىدى.

بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 5 تىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە 5.2 بال ئېغىرلىقتا يەنە بىر قېتىم يەر تەۋرەش كۆرۈلدى.

تۈرك قىزىل ئاي جەمئىيىتى ۋە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسى خادىملىرى رايوندا ياردەم خىزمەتلىرىنى باشلىدى. چاناققەلئە ۋالىيلىق مەھكىمىسىدە كىرىزىس ئۈستىلى شەكىللەندۈرۈلدى.

قىزىل ئاي جەمئىيىتى باشلىقى كەرەم قىنىق، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسى ۋە قىزىل خادىملىرىنىڭ ئۆزئارا ماسلاشقان ھالدا بىر چېدىر شەھەر ۋە بىر كۆچمە ئاشخانا قۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەر تەۋرەشتە ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان يۇقارىكۆيدە بىر چېدىر دوختۇرخانا ۋە بىر ئاشخانا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

بۇ جەرياندا ئايۋاجىك مەركىزى بىلەن ئۇنىڭغا قاراشلىق يېزىلاردا مەكتەپلەر بىر كۈنلۈك تەتىلگە قويۇۋېتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر