13 دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ باشچىلىقىدا باشلانغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 167-كۈنىدە، 13 دائېشچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالى سۈرىيەنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن باشلىغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 167-كۈنىدە، 13 دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى، 256 دائېش نۇقتىسى قۇرۇقلۇقتىن بومباردىمان قىلىندى. بۇ ئارقىلىق تېررورىستلارنىڭ پاناھلىنىش ۋە مۇداپىئە جايلىرى، قوماندانلىق مەركەزلىرى، قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىغا بېسىم ھاسىل قىلىندى.
تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى ئەلباب بىلەن بزاگاھ رايونلىرىدىكى 65 دائېش نۇقتىسىنى بومباردىمان قىلىپ، 59 بىنا، تۆت پاناھلىنىش بىناسى ۋە ئىككى تەكشۈرۈش پونكىتىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.
مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بومباردىمان ۋە توقۇنۇشلاردا 13 دائېشچى ئۆلگەن، سەككىز دائېشچى يارىلانغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسى مۇلازىمىتىدە رېكورت يارىتىلدى
ئاپرېل ئېيىدا تۈركىيە مىقياسىدىكى ئايرودۇرۇملاردا 18 مىليونغا يېقىن يولۇچى توشۇلدى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.