ئىستانبۇل ھۇجۇمچىسىنىڭ ئايالى قولغا ئېلىندى

ئىستانبۇل ھۇجۇمچىسىنىڭ ئايالى قاتارلىق 11 گۇماندار قولغا ئېلىندى.

665235
ئىستانبۇل ھۇجۇمچىسىنىڭ ئايالى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى «ئاساسىي قانۇن تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش» ۋە «قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ ئىستانبۇل ھۇجۇمجىسى ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋنىڭ ئايالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 گۇماندار ئۈستىدىن قولغا ئېلىش قارارى چىقاردى.

تەپتىش مەھكىمىسى قەتلىئامنى تەكشۈرۈش جەريانىدا يېڭى مەلۇماتلارغا ئېرىشتى. بۇ مەلۇماتلاردا زوراۋان ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋنىڭ ئايالى زارىنا ن نىڭمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى يوشۇرۇپ، فاتىمە ئابدۇرېھىم ئىسمىنى ئىشلەتكەنلىكى، تۇتۇلۇشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئوغۇل بالىسىنى ئۆيگە كەلگەن ئىككى دائېشچىغا بەلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

گۇماندارلاردىن ئىككىسىنىڭ ماشارىپوۋنىڭ يوشۇرۇنۇشى ۋە قېچىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى، گۇماندارلار ئارىسىسدا ماشارىپوۋنىڭ ھۇجۇمدىن كېيىن تاكسى بىلەن بارغان زەنتىنبۇرنۇدىكى رېستوراننىڭ خوجايىنىمۇ بار بولۇپ، بۇ يەردە ماشارىپوۋغا تاكسىغا بېرىشى ئۈچۈن 40 لىرا ۋە چاپان بېرىلگەنلىكى ھەمدە بۇ يەردىن بىر مەزگىل يوشۇرۇنغان ئۆيگە ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئارىلىقتا، زوراۋان ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋ داۋاملىق سوراق قىلىنماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، قەتلىئامنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇرسادا تۇتۇلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەزا 13 چەت ئەللىكمۇ قولغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر