فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە 17 دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن داۋام قىلىۋاتقان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى 155-كۈنىگە قەدەم قويدى.

659075
فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە 17 دائېشچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ 155-كۈنىدە، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا 17 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى. تۈركىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئېلان قىلغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى 24-ئاۋغۇست دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پەيدا قىلغان تەھدىتلەرنى يوقىتىپ، چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىمنى قوللاش ئۈچۈن باشلانغان فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھەرىكەتنىڭ 155-كۈنىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 155 نۇقتىسى بومباردىمان قىلىنىپ، پاناھلىنىش ۋە مۇداپىئە جايلىرى، قوماندانلىق مەركەزلىرى، قورال ئىسكىلاتلىرى بىتچىت قىلىنغان. ئەلباب رايونىدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى پايدىلىنىۋاتقان بىر بىنا ۋەيران قىلىنغان. ئۆكتىچىلەرنى قوللاش مەقسىتىدە داۋاملىشىۋاتقان پارتلىغۇچى ماددىلارنى تازىلاش خىزمىتىدە 30 دانە سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبا بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن، ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە جەمئىي 3149 سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان بومبار بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر