ئەردوغان شەرقىي ئافرىقا زىيارىتىنى باشلىدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شەرقىي ئافرىقا زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى تانزانىيەگە يېتىپ كېلىپ، تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشتى.

656919
ئەردوغان شەرقىي ئافرىقا زىيارىتىنى باشلىدى
cumhurbaşkanı tanzanya işadamları.jpg
cumhurbaşkanı tanzanya halk.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تانزانىيە خەلقئارالىق ئايرودۇرۇمىدا، تانزانىيە باش مىنىستىرى قاسىم ماجالىۋا، تۈركىيەنىڭ تانزانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياسەمىن ئەرالپ ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملار كۈتۈۋالدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئايرودۇرۇمدا تۈركىيەنىڭ ۋە تانزانىيەنىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت قىلدى. ئۇ تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى تەشكىللىگەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە تۈركىيەلىك سودا-سانائەتچىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراك، تاشقى ئىقتىساد مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئۆمەر جىھاد ۋاردان ۋە نۇرغۇن كىشىلەر قاتناشتى.

رەسمىي ئۇچرىشىش بۈگۈن (23-يانۋار) باشلىنىدۇ. تانزانىيە پىرېزىدېنتى جون پومبې جوسېف ماگۇفۇلى مۇراسىم بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى كۈتۈۋالىدۇ. ئىككى رەھبەر مۇراسىمدىن كېيىن ئايرىم كۆرۈشىدۇ، ئارقىدىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، ئارقىدىن ئاخباراتچىلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ يەردىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، شەرقىي ئافرىقا زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى بېكىتى موزامبىكقا بارىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر