«تۈركىيە ئۈچۈن ياۋروپا ئامېرىكىغا قارىغاندا 10 ھەسسە كۈچلۈك ھەمراھ»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك تۈركىيەگە نىسبەتەن ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئامېرىكىغا قارىغاندا 10 ھەسسە كۈچلۈك ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

655648
«تۈركىيە ئۈچۈن ياۋروپا ئامېرىكىغا قارىغاندا 10 ھەسسە كۈچلۈك ھەمراھ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمشەك شىۋېتسارىيەنىڭ داۋوس يېزىسىدا چاقىرىلغان 47 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىدا، «20 – گ گۇرۇھىنىڭ كۈنتەرتىپى:  يېڭى تەرەققىيات يولىنى پىلانلاش» تېمىلىق ئولتۇرۇشتا مۇھىم سۆز قىلدى ھەمدە تۈركىيەنىڭ تاشقى سودىسى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «تۈركىيەگە نىسبەتەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا قارىغاندا 10 ھەسسە كۈچلۈك سودا ھەمراھى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ئېكسپورتىنىڭ % 50 تىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا، % 5 تىنى ئامېرىكىغا قارىتا ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزگە نىسبەتەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكىدىنمۇ مۇھىم.»

تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا بىرلىكى توغرىلىقمۇ توختالغان شىمشەك، «ياۋروپا كومىتېتى تۈركىيە بىلەن تاموژنا بىرلىكىنىڭ كېلىشىمنى يېڭىلىشىغا يېشىل چىراغ ياقتى. بۇ ئارقىلىق تاموژنا بىرلىكىنىڭ دائىرىسى يېزا ئىگىلىك، تۈرلۈك خىزمەتلەر ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەلىرىگىچە كېڭىيىدۇ. بۇ سايىدا ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە ئۆزئارا سودا ھەجمىنىڭ مىقدارى 2 ھەسسە كۆپىيىپ، 150 مىليارد دوللاردىن 300 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىن. بۇ ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەم تۈركىيە ئۈچۈن پايدىلىق» دېدى.

شىمشەك سۆز قىلغان ئولتۇرۇشقا، گېرمانىيە مالىيە مىنىستىرى ۋولفگاڭ سچائۇبلې، ئارگېنتىنا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى نىكولاس دۇجوۋنې، جەنۇبىي ئافرىقا مالىيە مىنىستىرى پراۋىن گوردخان قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

يىغىنغا 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 3 مىڭغا يېقىن كارخانىچى، سىياسىيون، ئاكادېمىك ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر