رېينا قاتىلىنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئايالىنىڭ كۈنلىشى سەۋەب بولغان

يېڭى يىل كېچىسى ئورتاكۆيدىكى كېچىلىك كۇلۇبقا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، 39 كىشىنى ئۆلتۈرگەن دائېشچى تېررورىست ماشارىپوۋنىڭ ئەسەنيۇرتتا تۇتۇلۇشىغا ئايالى ف.ئا نىڭ كۈنلىشى مۇھىم رول ئوينىغان.

656113
رېينا قاتىلىنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئايالىنىڭ كۈنلىشى سەۋەب بولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە چىقىۋاتقان گېزىتلەردىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئابدۇلقادىر ماشارىپوۋ ئورتاكۆيدىكى ھۇجۇمىدىن كېيىن دەرھال زەيتىبۇرنۇغا، ئاندىن باشاكشەھىردىكى ئايالى ۋە ئىككى بالىسى تۇرۇۋاتقان ئۆيگە بارغان. دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ماشارىپوۋنى ۋە ئايال-بالىلىرىنى ئوخشىمىغان ئادرېستىكى ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. ماشارىپوۋ تۆت ياشلىق ئوغلىنى ئېلىۋالغان.  ئايالى بولسا، ئىككى ياشلىق قىزى بىلەن پەندىكتىكى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە ئۇ يەردە ماشارىپوۋنىڭ سېنېگاللىق دائېشچى ئايال تېررورىست دىنا بىلەن ئىمام نىكاھى قىلىپ، ئەسەنيۇرتتا ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان. ماشارىپوۋنىڭ ئايالى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلەنگەن.

ساقچىلار 11-يانۋار پەندىكتىكى ئۆيگە بېسىپ كىرىپ، ماشارىپوۋنىڭ ئايالىنى تۇتقاندىن كېيىنكى سوراقلاردا، ف. ئا ئېرىنىڭ ئەسەنيۇرتتىكى بىر ئۆيدە مۆكۈنۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىنمۇ: «ئايالىدىن ئېلىنغان ۋە ئايالىغا ياردەم قىلغانلاردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلار، تېررورىستنىڭ تۇتۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى» دېگەن ئىدى.

بۈگۈن (20-يانۋار) ھەر قايسى تاراتقۇ ۋە گېزىتلەردە، دائېشچى تېررورىست ماشارىپوۋنى يوشۇرغان، تاكسى پۇلىنى تۆلەپ بەرگەن ۋە ئۇنى باشقا يەرگە يۆتكىگەن كىشىلەرنىڭ رەسىملىرى ھەمدە ئىسىملىرى ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر