بىتلىستە 2 ئەسكەر شېھىت بولدى
بىتلىستە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، 2 ئەسكەر يارىلاندى.
651348
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىتلىس ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىتلىس قوراللىق قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق ئەترەتلەر 12 – يانۋار كۈنى باشلانغان «شېھىت ژاندارما ئونبېشى باھاتتىن دوما ھەرىكىتى» جەريانىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
توقۇنۇشتا 2 ئەسەر شېھىت بولغان، 2 ئەسكەر يېنىك يارىلانغان بولۇپ، ھەربىي ھەرىكەت داۋاملاشماقتا ئىكەن.
ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى رايون خەلقىمىزنىڭمۇ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش مەقسىتىدە ۋىلايتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېررورىستلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە.»