چاناققەلئەدە 19 چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەن تۇتۇلدى

چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىق ناھىيەسىدە گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا كەتمەكچى بولغان چەت ئەللىك 19 قانۇنسىز كۆچمەن تۇتۇلدى.

650956
چاناققەلئەدە 19 چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەن تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناھىيە قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترەتلىرى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بىر مېھمانخانىدا ئاخىتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئاياللارنىمۇ  ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەلىك، ئىراقلىق ۋە ئافغانىستانلىق 19 كىشىنى قولغا چۈشۈردى.

ناھىيە قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىغا ئېلىپ بېرىلغان بۇ كىشىلەر بىرقاتار رەسمىيەتلەردىن كېيىن ئايۋاجىق چەت ئەللىكلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەركىزىگە ئەۋەتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر