«ناتو تۈركىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا كەڭ قورساقلىق قىلىۋاتىدۇ»

دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا كەڭ قورساقلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

649912
«ناتو تۈركىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا كەڭ قورساقلىق قىلىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشىق 9 – نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر كونفېرانسىدا قىلغان سۆزىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇيرۇقچىسى بولغان پ ي د / ي پ گ نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا كەڭ قورساقلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنى تەنقىد قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى  ۋە ئۇلارنى بۇ پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «20 – يانۋار كۈنى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان دونالد ترامپ ۋە ھۆكۈمىتىدىن تۈركىيەگە قۇلاق سېلىشىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ خاتا يولدىن دەرھال قايتىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. <زىياننىڭ قايسى نۇقتىسىدىن قايتسا پايدىلىق> ئېڭىغا ئاساسەن،  ھەم ناتو بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچلۈك ھالدا داۋاملاشتۇرۇش ھەم ناتو نىڭ كۈچلۈك بىر ئەزاسى سۈپىتىدە يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىي.»

بۈگۈنكىدەك ھالقىلىق بىر پەيتتە تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئىنتايىن نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىشىق: «تۈركىيە دۆلەت مۇداپىيەسىنى كۈچەيتىشكە مەجبۇر. چۈنكى نۆۋەتتە بەلكى دۇنيا بويىچە شۇنچە كۆپ تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم دۆلەت تۈركىيە» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر