ئەنقەرەدە 9 –  نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر كونفېرانسى داۋاملاشماقتا

«2023 – يىلى يولىدا، مىللىي قىممەت قاراشلار ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك نىشانلار» تېمىلىق كونفېرانس ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارماقتا.

648696
ئەنقەرەدە 9 –  نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر كونفېرانسى داۋاملاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «2023 – يىلى يولىدا، مىللىي قىممەت قاراشلار ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك نىشانلار» تېمىلىق 9 –  نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر كونفېرانسى داۋاملاشماقتا.

پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان كونفېرانسقا نۇرغۇن ساندا چەت ئەللىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قاتناشتى.

گىروزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېخائېل جانېلىدزە ئەنئەنىۋىي تۈس ئالغان كونفېرانسنىڭ تۈنجى چەت ئەللىك مىنىستىر مېھمىنى بولدى. 

مېخائېل جانېلىدزە كونفېرانستا قىلغان سۆزىدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئۈستىدە توختالدى. دۆلەتنى ۋە دېموكراتىيەنى چوڭ پىداكارلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئۆز قوللىرى بىلەن قوغداپ قالغان تۈركىيە خەلقىنىڭ جاسارىتىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇ خائىنلارچە ھەرىكەتتىن كېيىن گىروزىيە باش مىنىستىرى گىئورگى كىۋىرىكاشۋىلى تۈركىيەنىڭ دېموكارتىيەسىنى قوللاش سىپىدە ئورۇن ئالدى. گىروزىيە تۈركىيەنى ۋە تۈركىيە خەلقىنى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان تۈنجى دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولدى. تۈركىيە بۇ بارلىق يۈز بەرگەن ئىشلاردىن كېيىن تېخىمۇ كۈچلۈك ھالغا كېلىدۇ» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ تۈركىيە – گىروزىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەستىن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. تۈركىيەنىڭ گىروزىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىك بىر پۈتۈنلىكىگە ۋە مۇستەقىللىقىغا ئالاھىدە ئەھىمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ جەھەتتە گىروزىيەگە قىلىۋاتقان يارىدەملىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «گىروزىيە بىلەن ئارىمىزدا ھېچقانداق سىياسىي مەسىلە يوق. بىر - بىرىمىزنى قوللاپ كەلمەكتىمىز. بارلىق رايون خاراكتېرلىك قىيىنچىلىقلارغا قارىماستىن، ئۆزئارا سودا ئومۇمىي سوممىمىز ئېشىپ ماڭماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر