جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى ئۇزارتىلدى
جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى 3 ئاي ئۇزارتىشقا مۇناسىۋەتلىك تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قارارنامىسى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.
645012
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىقياسىدا 19 – يانۋار سائەت 1 دىن باشلاپ ئۇدا 3 ئاي ئىجرا قىلىنىدىغان جىددىي ھالەتنى ئۇزارتىش قارارنامىسى مىنىستىرلار كېڭىشى تەرىپىدىن 3 – يانۋار كۈنى چىقىرىلغاندىن كېيىن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 3 – يانۋار كۈنىدىكى 49 – قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغانىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەتكە بېرىلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەلىم - تەربىيە پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە تۈركىيە ئارمىيەسىنى ئافغانىستانغا ئەۋەتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى 6 – يانۋاردىن ئېتىبارەن 2 يىل ئۇزارتىلدى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ماقۇللانغان ئافغانىستان قارارنامىسى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.