«يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ نىشانى خەلقىمىزنى بىر – بىرىگە دۈشمەن قىلىش»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەدە يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئەسلى نىشانىنىڭ تۈركىيە خەلقىنى بىر – بىرىگە دۈشمەن قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

644096
«يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ نىشانى خەلقىمىزنى بىر – بىرىگە دۈشمەن قىلىش»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك ساريىدا ئۆتكۈزۈلگەن 33 – نۆۋەتلىك مەھەللە كومىتېتلىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق گويا ئاتەش سىناقىغا دۇنچار قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ بۇ ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرالىغۇدەك كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئەسلى نىشانى ھېس – تۇيغۇلىرىمىزنى ئەقلىمىزنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈۋېتىش ۋە بۇ ئارقىلىق بىزنى ئۆزئارا دۈشمەن قىلىۋېتىشتۇر. خەلقىمىزنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان كۈچلەر پۇرسەت تاپسىلا بىزگە خىرىس قىلىشتىن ئايانمايۋاتىدۇ. بىز ھەرگىزمۇ بۇ سۇيىقەستلىك ئويۇننىڭ تۇزىقىغا چۈشمەيمىز. ھەرقانداق سۇيىقەستنى سوغۇققانلىق  ۋە مەردانىلىق بىلەن بىتچىت قىلىمىز. قېچىش نامەرتلەرنىڭ ئىشى، بىزنىڭ خەلقىمىز مەرتتۇر» دېدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورغا تەسلىم بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ، تېررورىستلار بىلەن، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «تۈركىيەنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش دەپ بىلىدىغانلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەردىن قىلچە خەۋىرى يوق دېمەكتۇر. دائېشقا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنى تېخىچە دائېشقا ياردەم بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەش، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللار كورد مەسىلىسى ئاتالغۇسىنى سۇيىئىستېمال  قىلىۋاتقانلارنىڭ نىيىتىنىڭ ھەرگىزمۇ كوردلارغا كۆيۈمۈش ئەمەسلىكىنىڭ خەندەك كولاش قىلمىشلىرى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەدە ھېچكىمنىڭ ياشاش تەرزىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا تەھدىت ئاستىدا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك، دىننى سۇيىئىستېمال قىلىۋالغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ھەر جەھەتتىن قوللىغانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىنسا، مەزھەپ ئايرىمچىلىقى ياكى ھايات تەرزى ئارقىلىق خەلقنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر