«ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ تۇزىقىغا چۈشمەڭلار»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش ئىستانبۇلدىكى كېچە كۇلۇبىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئاممىۋى تاراتقۇلاردا تېز تارقىلىۋاتقان ياشاش تەرزىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ تېررورغا خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

643410
«ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ تۇزىقىغا چۈشمەڭلار»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرتۇلمۇش  ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى ھەمبەھىرلىشىشلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بەزى كۈچلەر ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ئىنسانلار ئارا ئېتىقاد ئوخشىماسلىقى ۋە مەزھەپلەرنى كوزېر قىلىپ، تەپرىقىچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار بىھۇدە ئاۋارە بولمىسۇن. ھەممە شۇنى بىلىشى كېرەككى، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىت بولغان ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىشىش جىنايەت بولۇپ، بۇنداق قىلغۇچىلار  قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر