باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

641804
باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى يازما بايانات ئارقىلىق ئەيىبلىگەن باش قوماندانلىقى ئىشتابى، پەسكەش ۋە خائىنلارچە قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان خەلقىمىزگە ۋە قەھرىمان ساقچىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە ئېسىل تۈرك مىللىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ۋە سەۋر تىلەيمىز، خائىنلارچە ھۇجۇمدا يارىلانغانلارغا تېز شىپالىق تىلەيمىز. پەسكەشلەرچە قىلىنغان بۇ ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان چەت ئەللىك مېھمانلىرىمىزنىمۇ چوڭقۇر قايغۇ ۋە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر