ھەر كۈنى ئونلىغان يۈك ئاپتوموبىلىدا لىق ياردەم بويۇملىرى ھەلەبكە يوللانماقتا
بۇ قېتىم ئافيونقاراھىسارنىڭ ساندىقلى ناھىيەسى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىگە ياردەم قولىنى سوزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساندىقلى ناھىيەلىك ھۆكۈمىتى خەيرات ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم جەمئىيىتى شۆبىسى ھەلەبكە ياردەم قىلىش سەپەرۋەرلىكى باشلىدى.
ساندىقلى ناھىيەسى 32 مىڭ كىشىلىك نوپۇسقا ئىگە بولۇپ، ياردەم سەپەرۋەرلىكىنى كىچىك – چوڭ ھەممەيلەن قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى. ساندىقلى ناھىيەسىدىن 24 يۈك ئاپتوموبلىدا لىق ياردەم بويۇملىرى سۈرىيە چېگراسىغا قاراپ يولغا چىقتى.
سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە ئەسەد قىسىملىرى ۋە شىئە گۇرپپىلارنىڭ قورشاۋىدا قالغان پۇقرالارنى تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يۆتكەش خىزمەتلىرى باشلانغان 15 - دېكابىردىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ھەممىلا ئەتراپىدىكى خەلق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ۋە پۇقرالار داۋاملاشتۇرىۋاتقان يادەم سەۋەرلىكى دائىرىسىدە، ھەر كۈنى ئونلىغان يۈك ئاپتوموبىلىدا لىق ياردەم بويۇملىرى سۈرىيەگە يوللانماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە لىۋانغا ياردەم قولىنى سۇندى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان لىۋانغا ياردەم قولىنى سۇندى.
خاقان فىدان ئامېرىكادىكى ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قاتار ئەمىرى شەيخ تامىم بىن ھەمەد ئەل تانى بىلەن كۆرۈشتى.