تۈركىيە - رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى موسكۋادا كۆرۈشتى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدىكى كۈچلەرنىڭ جەزمەن تېپىپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

634870
تۈركىيە - رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى موسكۋادا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ھەلەبنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن موسكۋاغا بارغان ئىشىق، رۇسىيەلىك مەنسەپدېشى سېرگېي شويگۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدا، قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان رۇسىيە باش ئەلچىسى كارلوۋ ئۈچۈن تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى. ۋەقەگە «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ باھا بەرگەن ئىشىق، ئەنقەرەنىڭ ھۇجۇمغا ئالاقىدار قولغا چۈشۈرۈلگەن مەلۇماتلارنى رۇسىيە بىلەنمۇ ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدە ئورناتقان ھەمكارلىقى ھەققىدىمۇ توختالغان ئىشىق، «سۈرىيە كىرىزىسى ۋە ھەلەبنىڭ ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار سۆھبەتلىرىمىز يالغۇز بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغىلا ئەمەس، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىگىمۇ ھەسسە قوشىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر