چاۋۇشئوغلۇ كېررىغا باش ئەلچى سۇيىقەستىنىڭ ئارقىسىدا «ئۇ» تەشكىلاتنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى

رۇسىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

634862
چاۋۇشئوغلۇ كېررىغا باش ئەلچى سۇيىقەستىنىڭ ئارقىسىدا «ئۇ» تەشكىلاتنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە قىلىنغان سۇيىقەستنىڭ پەردە ئارقىسىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى؛ قارشى تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىنىڭ بېشىدا كېررى رۇسىيە باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇمۇ، ھەم تۈركىيە ھەم رۇسىيەنىڭ يۈز بەرگەن قايغۇلۇق ۋەقەنىڭ پەردە ئارقىسىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بارلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە ھۇجۇمچى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن سۇرىيە تېمىلىق ئۈچ تەرەپ يىغىنىمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن بولۇپ، چاۋۇشئوغلۇ يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغان ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ كېررىنىڭ بىر سوئالىغا جاۋابەن قىبرىس سۆھبەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر