ئەردوغان: بۇ ھۇجۇم ئەسلىدە تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىگە قىلىنغان سۇيىقەست

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئەسلىدە تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىگە قىلىنغان سۇيىقەست ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

633970
ئەردوغان: بۇ ھۇجۇم ئەسلىدە تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىگە قىلىنغان سۇيىقەست

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ ۋەقە رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇش نىشان قىلىنغان ئىغۋاگەرلىكتۇر. رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە رۇسىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېدى.

ئەردوغان پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون ئۇچرىشىشىدىمۇ ۋەقەنىڭ ئىغۋاگەرلىك ئىكەنلىكى ۋە خەلقئارالىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى ھەمدە كارلوۋنىڭ دىپلوماتلار ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كارلوۋنىڭ مېيىتىنىڭ رۇسىيەدىن كېلىدىغان مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن دۆلىتىگە يوللىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ۋەقەنى ئورتاق تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس نەق مەيداندا ئېلان قىلغان باياناتىنى ھەم رۇسىيە ھەم تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن تاماملىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر