چاۋۇشئوغلۇ موسكۋادا باش ئەلچى كارلوۋ سۇيىقەستى توغرىسىدا بايانات بەردى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋ ھاياتىدىن ئايرىلغان سۇيىقەست توغرىسىدا بايانات بەردى.

634042
چاۋۇشئوغلۇ موسكۋادا باش ئەلچى كارلوۋ سۇيىقەستى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋ ھاياتىدىن ئايرىلغان سۇيىقەستكە لەنەت ئېيتقان ھالدا، «بۇ، مۇناسىۋەتلىرىمىزگە قىلىنغان بىر ھۇجۇم بولسىمۇ، بىزنى يولىمىزدىن توسۇپ قالالمايدۇ» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ بۈگۈن ئىراننىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى ئارقىسىدا چاقىرىلىدىغان سۈرىيە تېمىلىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، تۈركىيەدە قىيىن شارائىتتا ئۇتۇقلۇق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن دىپلومات كارلوۋغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ، تۈركىيە – رۇسىيە خەلقلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ خائىنلارچە ھۇجۇمنىڭ ھەر جەھەتتىن تەكشۈرۈلۈپ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئايدىڭلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلەرنىڭ تېپىپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھۇجۇمنىڭ پەردە ئارقىسىدىكىلەرنى تېپىپ چىقىپ، بۇنىڭ ھېسابىنىڭ سورىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «بۇ ھۇجۇمغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە ھۆرمەتلىك پۇتىننىڭ تەكلىپىگە ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز دەرھال ئىجابىي جاۋاب قايتۇردى. رۇس مۇتەخەسسىسلەرمۇ تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. تەشكىللىنىدىغان ئورتاق ھەيئەت بىلەن بۇنى بىرلىكتە تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز.» دېدى.

باش ئەلچى كارلوۋنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇكەممەل بىر دىپلومات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى سوغۇق بولغان مەزگىلدىمۇ ۋەزىيەتنى ناھايىتى ياخشى ئىدارە قىلغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلەرنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە دىپلوماتىك قاناللارنىڭ ئوچۇق قېلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر