تۈركىيە «مۆجىزىسى»ياۋرو-ئاسىيا تۇنېلى ئەتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

ئاسىيا بىلەن ياۋروپا قىتئەسىنى دېڭىز ئاستىغا سېلىنغان يول بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ياۋرو-ئاسىيا تۇنېلى ئەتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

633385
تۈركىيە «مۆجىزىسى»ياۋرو-ئاسىيا تۇنېلى ئەتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيا بىلەن ياۋروپا قىتئەسىنى دېڭىز ئاستىغا سېلىنغان يول بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ياۋرو-ئاسىيا تۇنېلى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ۋە نۇرغۇن چەت ئەللىك مېھمانلارنىڭ  ئىشتىراك قىلىشى بىلەن،  ئەتە سائەت 14:00دە ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىمدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. 

ئىستانبۇلنىڭ قاتناش مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ياۋرو-ئاسىيا تۇنېلى ئىشقا كىرشتۈرۈلگەندە ئىستانبۇلنىڭ ئىككى قىرغىقى ئوتتۇرىسىكى مۇساپىنى 15 مىنۇتتا بېسىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.

ياۋرو-ئاسىيا تۇنېلىنىڭ 5.4 كىلومېتىرلىق قىسمى دېڭىز ئاستىغا ئۆزگىچە بىر تېخنىكا ئىشلىتىلىپ سېلىنغان ئىككى قەۋەتلىك تۇنېل بىلەن باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان بىر-بىرىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن تۇنېللاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئىستانبۇلنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيا تەرەپلىرىدە جەمئىي 9.2 كىلومېتىرلىقنىڭ يەرنى كېڭەيتىش ۋە رېمۇنت قىلىش خىزمەتلىرىمۇ تاماملاندى.

دۇنيادا ئىنژېنېرلىق ساھەسى بويىچە ئەڭ ئىلغار لايىھەلەردىن بولغان بۇ تۇنېل، 24 سائەت بىخەتەر ۋە سىجىل قاتناش خىزمىتى ئۈچۈن ئىلغار سىستېمىغا ئىگە.

تۇنېلدا ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت 70 كىلومېتىر قىلىپ بېكىتىلدى. ياۋرو-ئاسىيا تۇنېلىنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە  قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنى ھۆددىگە ئالغان ياۋرو-ئاسىيا تۇنېلىنى باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ شىركىتى ئاتاش، بۇ تۇنېلنىڭ 24يىل 5 ئاي باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ مۇددەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۇنېل دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر