سۈرىيەدە تۈركىيە ئەسكەرلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى داۋام قىلماقتا.
633048
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن ئەلباب رايونىدىكى دائېشنىڭ ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىدا 1 ئەسكەر شېھىت بولدى، 7 ئەسكەر يارىلاندى.
يارىلانغان ئەسكەرلەر تىك ئۇچار ئايروپىلانلار بىلەن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلۈپ، كىلىس ۋە غازىئانتەپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ھەربىي ھەرىكەتلەردە دائېش ئەزاسى 11 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى، 4 ئۆكتىچى يارىلاندى.
تۈركىيە ئارمىيەسى، دائېشقا تەۋە قورال ئىسكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 208 نىشاننى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى.