تۈركىيە ئارمىيەسى ئەلباب ئاھالىسىغا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش مەقسىتىدە تۈركىيە باشچىلىقىدا 24 – ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۈركىيە ئارمىيەسى ئەلباب ئاھالىسىغا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى.

628373
تۈركىيە ئارمىيەسى ئەلباب ئاھالىسىغا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەلباب ئاھالىسىغا تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: «شەيتانغا خىزمەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سىلەرنى كوزېر قىلىۋېلىشىغا يول قويماڭلار. سىلەرنىڭ ئەركىنلىككە ۋە نىجاتلىققا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن جان تىكىپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە قېرىنداشلىرىغا ھەمىشە ئىشىكىنى ئېچىپ كېلىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى زېمىنىڭلاردا ھۇزۇر ۋە بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. شۇڭا سىلەرمۇ بىزگە ياردەمچى بولۇڭلار ھەمدە بىز زېمىنىڭلارنى بۇ خائىنلاردىن تازىلىغانغا قەدەر، زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن يېقىن – يورۇقلىرىڭلارنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىخەتەر رايونلارغا يۆتكەڭلار. ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن زەپەر يېقىندۇر. ئاللاھ سىلەرنى تىنچ – ئامان قىلغاي، ھەمىشە مەدەتكارىڭلار بولغاي!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر