ئۆمەر چەلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك ئەتە ئادانادا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

625558
ئۆمەر چەلىك ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ باش ئەلچىلىرىنىڭ  8 – دېكابىردىن 10 – دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئادانا ۋە مەرسىندە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىكنىڭ ئەتە ئادانادا  بىر كەچلىك زىياپەتتە ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇچرىشىشتا، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ئەزالىق مۇزاكىرىلىرىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويۇش توغرىسىدىكى قارارىمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

باش ئەلچىلەرنىڭ ئادانا ۋالىيلىق مەھكىمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 24 – نويابىردىكى ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈمى، 33 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمى يۈز بەرگەن جايغا گۈل – چىچەك قويۇشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر