بېنىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى تۈركىيەنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى

بېنىن پىرېزىدېنتى پاترىس تالون  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە 3 مەكتەپنى تاقايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

625492
بېنىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى تۈركىيەنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى كۈرەشنى مىڭىلغان كېلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى دۆلەتلەرمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلىمەكتە. 

بېنىن پىرېزىدېنتى پاترىس تالون بېنىندىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە مەكتەپلەرنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بېنىن پىرېزىدېنتى پاترىس تالون جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ ئاتا تۈرك مەقبىرىسىنى زىيارەت قىلدى. ئاتاتۈرككە بولغان قاراشلىرىنى «ئۇنىڭ ئەسىرى بارلىق دۆلەتلەرگە ھەر دائىم ئىلھام مەنبەسى بولىدۇ» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىدى.

پاترىس تالون ئىككىنچى قەدەمدە 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)نى زىيارەت قىلدى. پارلامېنت باشلىقى ئىسمائىل قەھرىمان بىلەن كۆرۈشتى. ئاندىن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئەردوغان تەرىپىدىن ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى. مۇراسىمدىن كېيىن ئىككى رەھبەر ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئوخشاش بولمىغان ساھەلەر بويىچە 5 كېلىشىم ئىمزالاندى.

ئۇچرىشىشتا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش نۇقتىلىق تېما بولدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئۆزىمۇ ئېيتقانغا ئوخشاش سۆھبىتىمىز جەريانىدا پاترىس تالون <بىزدىمۇ فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ 3 مەكتىپى بار، مەن بۇ مەكتەپلەرنى تاقاپ، دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزىمەن> دېدى. ئىنشائاللاھ تۈركىيە مائارىپ ۋەقپىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش تۇتۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ: <بىز دوستىمىزغا دۈشمەن بولغانلار بىلەن دوست بولالمايمىز> دېگەن سۆزى بىزگە نىسبەتەن تولىمۇ مەنىلىك بولدى» دېدى.

بېنىن پىرېزىدېنتىمۇ 15 – ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلىدى. تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىشىشنى تەكىتلىدى ۋە: «بۇ جەھەتتە بېنىنگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر