تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسى يىغىنى ئەتە باشلىنىدۇ

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئەتە (پەيشەنبە) ئانتاليادا كۆرۈشىدۇ.

620715
تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسى يىغىنى ئەتە باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن سېرگېي لاۋروۋ ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە – رۇسىيە ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ بەشىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ 5-، 6- دېكابىردا ئىشقا ئاشۇرىدىغان رۇسىيە زىيارىتىدىن ئىلگىرى چاقىرىلغان بۇ يىغىندا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

چېگرا بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان بىر رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ 2015 – يىلى 24 – نويابىردا چۈشۈرۈۋېتىلىشىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە باشلىغان يېڭى باسقۇچتا تۇنجى قېتىم چاقىرىلىدىغان مەزكۇر يىغىندا، ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، ساياھەتچىلىك، مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىقلار بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرىدىن سىرت، ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ئاخىرقى قېتىم 10 – ئۆكتەبىردە تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان دۇنيا ئېنېرگىيە قۇرۇلتىيىدا كۆرۈشكەن ئىككى مىنىستىرنىڭ، تۈرك ئېقىمى بىلەن ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش قەدەملىرى دائىرىسىدە، رۇسىيەدىن تۈركىيەگە كېلىدىغان ساياھەتچى سانىنىڭ قايتىدىن 4 يېرىم مىليونغا يەتكۈزۈلۈشىگە دائىر خىزمەتلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدىغان يىغىننىڭ، ساياھەتچىلىك ساھەسى بىلەن تونۇلغان ئانتاليانىڭ ئالانيا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلۈشىمۇ سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە.

مېۋە – چىۋە، ئوتياش ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىمۇ مۇھىم بىر شەھەر ھېسابلىنىدىغان ئانتاليادا چاقىرىلىدىغان يىغىنىدا، رۇسىيەدە چەكلىمە قويغان تۈركىيەنىڭ ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا دائىر چەكلىمىلەرنىڭ بىكار قىلىنىشى، تۈرك شىركىتى ۋە سودا – سانائەتچىلىرىگە قويۇلغان ساھەلەر تۈرىدىكى چەكلىمە قارارلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر