رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا بېلىق تۇتتى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن (27-نويابىر) ئىستانبۇل تارابيادا بېلىقچىلار بىلەن بىرگە بېلىق تۇتتى.

618806
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا بېلىق تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بېلىقچىلار بىلەن بىرگە تارابيا ساھىلىدا بېلىق تۇتتى. ئۇ بېلىق تۇتۇپ قايتقاندىن كېيىن، ساھىلدا كۈتۈپ تۇرغان خەلق ئاممىسى ئۇنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ كىشىلەر بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە سۆھبەتلەشتى ۋە بىرلىكتە رەسىمگە چۈشتى. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، تارابيا ساھىلىدا بېلىقچىلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى:

«بىز بېلىقچىلار بىلەن بىرگە بولۇشنى ئويلىدۇق، ئەسلىدە ئۇلار بىر ھەپتىدىن بېرى قارشى ساھىلدا ئىدى. ئۇلار بۈگۈن تارابياغا كەلدى، ئۇلار بىلەن بىللە خۇشال ۋاقىت ئۆتكۈزەيلى دەپ ئويلىدۇق، خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بولدۇق ۋە ئۇلارغا چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلىدۇق.»

ئۇ ناھايىتى خۇشال ۋاقىت ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ۋە بۇ بېلىق تۇتۇشنىڭ پايدىلىق بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بېلىقچىلارنىڭ بەزى قىيىنچىلىقىرىنى ھۆكۈمەتكە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بىر مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، بېلىق تۇتۇشنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر