بوزداغ: ئۆچمەنلىك خاھىشىنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا، ياۋروپانىڭ پالاكىتىگە ئايلىنىدۇ

ئەدلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزداغ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، ياۋروپادىكى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان يېڭى ئىرقچىلىق شامىلى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.

618482
بوزداغ: ئۆچمەنلىك خاھىشىنىڭ ئالدى ئېلىنمىسا، ياۋروپانىڭ پالاكىتىگە ئايلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپانىڭ ئىككى قېتىم دۇنيا ئۇرۇشى چىقارغان، ئىرقچى تونۇش يىلتىز تارتقان بىر دىيار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بوزداغ، «ياۋروپادا گىتلېرغا رەھمەت ئېيتقۇزىدىغان يېڭى ئىرقچىلىق يۈكسەلمەكتە.» دېدى.

بوزداغ، يېڭى ئىرقچىلىق، ئايرىمىچىلىق ، ئىسلاموفوبىيا، چەت ئەللىك دۈشمەنلىكى، تۈركىيە دۈشمەنلىكى ۋە خاتا پەرەز كېسەللىكلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئەندىشە ۋە ئۆچمەنلىك تۇيغۇلىرىنى زورايتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئالدى ئېلىنمىغان تەقدىردە بۇ ئەھۋالنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پالاكىتىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بوزداغ، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى بولماي تۇرۇپمۇ زورىيىشنى ۋە تەرەققىي قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر