ئىككى يۈزگە يېقىن قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلدى

ئەدىرنە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بوسناكۆي ۋە ئۇيۈكلۈتاتار يېزىلىرىدا چارلاش ئېلىپ بېرىپ پەرقلىق ئەللەردىن كەلگەن ئىككى يۈزگە يېقىن قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.

616282
ئىككى يۈزگە يېقىن قانۇنسىز كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدىرنە 186 قاچقۇن كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلدى؛ ئەدىرنە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بوسناكۆي ۋە ئۇيۈكلۈتاتار يېزىلىرىدا چارلاش ئېلىپ بېرىپ، قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان سۇرىيە ، ئافغانىستان، پاكىستان، ئالجىرىيە، ماراكەش ۋە لىۋان پۇقراسى 186 كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.

ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئەدىرنە ساقچى ئىدارىسى چەت ئەللىكلەر باشقارمىسىغا ئەۋەتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر