ئەردوغان: تۈركىيە دۇنيا بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا توسۇق بولۇۋاتىدۇ

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن دۇنيا ئارىسىدا «توسۇق» بولۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

614877
ئەردوغان: تۈركىيە دۇنيا بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا توسۇق بولۇۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدا ناتو پارلامېنتلار مەجلىسىنىڭ كۈز پەسىللىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا: «تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ياۋروپانى ئاساس قىلغان ھالدا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى ئارىسىدا <توسۇق> بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر بىز بۇ كۈرەشتە مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىسىاق، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ توسۇق يىقىلسا، تېررورىستلار خۇددىي سەلگە ئوخشاش پۈتكۈل دۇنيانى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇپ، قانغا بويايدۇ. بىز شۇڭا دەيمىزكى، <كېلىڭلار بۇ توسۇقنى ئاجىزلىتىشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ كۈچلەندۈرەيلى>» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۈگۈنكى دۇنيادا ھېچكىم بىر يەرگە ئوت كەتسە <تۈتۈنى ماڭا كەلمەيدۇ> دەپ تۇرالمايدۇ، بالدۇر ياكى كېيىن بۇ ئوتنىڭ ئۆزىگە قانداق تۇتاشقانلىقىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ. تەھدىتلەر يەر شارىلىشىۋاتقان، كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئۆزگىرىۋاتقان بۇنداق ۋاقىتتا، مەۋجۇت سىستېمىلارمۇ ئۆزىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشى لازىم.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ دائىرىدە، ناتونىڭ پەقەت مۇداپىئە تەشكىلاتىلا ئەمەسلىكىنى، بەلكى دېموكراتىك بايلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش غايىسى بولغان دۆلەتلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان «بىخەتەرلىك مۇنبىرى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ تۈركىيەدە 21-ئىيۇلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغان جىددىي ھالەت ھەققىدە توختىلىپ، جىددىي ھالەت ئارقىلىق فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىزلىرىنى ئۆچۈرۈش ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ ۋەسىلە بىلەن، 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، ياردىمىنى تۈركىيەدىن ئايىمىغان، ھەمكارلىق سىگناللىرىنى يەتكۈزگەن دوست دۆلەتلەرگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن. 15-ئىيۇل كېچىسى بىلەن، تۈركىيە ۋە پۈتكۈل دۇنيا تېررورلۇقنىڭ يېڭى يۈزىگە؛ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسۇلىغا گۇۋاھ بولدى. تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بولسۇن ياكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ۋەياكى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بولسۇن، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقىغا دۈشمەنلىك قىلىشتا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدىغان بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ كۈچلۈك قوللاشقا ئېھتىيا∣جى بار. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە تۈركىيەگە ئوخشاش چوڭ بەدەل تۆلىگەن ۋە كونكرېت نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن باشقا ھېچقانداق دۆلەت يوق.»

ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇ سەۋەبتىن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەگە كىرىپ، چېگرالىرىدا يۈز بەرگەن تەھدىتنى يوقاتقانلىقىنى، ئىراق بىلەن سۈرىيەدە تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قولىدىن دوست دۆلەتلەر ياسىغان قوراللارنىڭ چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ قوراللارنىڭ نومۇرىدىن تارتىپ ھەممە نەرسىنىڭ تىزىمغا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلغان پ ي د ياكى ي پ گ نى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قوبۇل قىلمىغانلارنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەلنۇسرا تەشكىلاتىنىمۇ «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ قوبۇل قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «بىر تېررورىست يەنە بىر تېررورىستقا ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئۇنى ياخشى دېگىلى بولامدۇ؟ بىز ھازىر ئىراق بىلەن سۈرىيەدە بۇنى كۆرۈۋاتىمىز، خەلقئارالىق جەمئىيەت ناھايىتى قىيىن بىر باسقۇچتىن ئۆتۈۋاتىدۇ، ئەمما بۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر ئەمەس. بىز ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز دائىرىسىدە زىچ ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلغىنىمىزدا، مەسىلە قانچىلىك مۇرەككەپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا قارشى مەيدانىمىزنى كۈچلۈك شەكىلدە نامايان قىلالايمىز. بۇنداق قىلىش، بىز ۋەكىللىك قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خەلقىمىز بىرەر ئامىلىنى تەشكىل قىلىدىغان خەلقئارالىق جەمئىيەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز ھېسابلىنىدۇ» دېدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر