ئەردوغان پاكىستان زىيارىتىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تىۋېتتىر ھېسابىدا پاكىستان زىيارىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئورتاقلاشتى.

613089
ئەردوغان پاكىستان زىيارىتىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاكىستاندىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى باش مىنىستىر ناۋاز شەرىف تەرىپىدىن شەرىپىگە بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتكە قاتناشتى.

ئەردوغان زىياپەتتىن كېيىن تىۋېتتىر ھېسابىدىن پاكىستان زىيارىتى ھەققىدە ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، «پاكىستاندا ئېلىپ بارغان رەسمىي زىيارەت، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك قېرىنداشلىق رىشتىمىزنىڭ تېخىمۇ مەستەھكەملىنىشىگە ۋەسىلە بولدى» دېگەن سۆزلەرنى يازدى. 

ئەردوغان يەنە: «دوست ۋە قېرىنداش پاكىستان خەلقىنىڭ زىيارىتىمىز جەريانىدا كۆرسەتكەن مېھماندوستلۇقى بىزنى ئىنتاين سۆيۈندۈردى. بىز زىيارەتىمىزگە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن پاكىستان پىرېزىدېنتى ھۆرمەتلىك مەمنۇن ھۇسەينگە ۋە باش مىنىستىرى ھۆرمەتلىك ناۋاز شەرىفكە رەخمەت ئېيتىمىز. لاھۇردىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا بىزگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن پەنجاپ ئۆلكىسى رەئىسى شاھباز شەرىفكىمۇ ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمىز» دەپ يازدى.

جۇمھۇر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ - مۇھەببەتنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تېخىمۇ يۇقۇرى كۆرتۈرىلىشىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، پاكىستان خەلقىگە سالام ۋە سۆيگىلىرىنى يوللىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر