رەھبەرلەر سىئىرتتىكى كان گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى

سىئىرت ۋىلايىتىنىڭ شىرۋان ناھىيەسىدىكى بىر مىس كېنىدا گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئىشچى ھاياتىدىن ئايرىلدى. كاندا قاپسېلىپ قالغان 13 ئىشچىنى قۇتقۇزۇش ئىشلىرى بولسا داۋاملاشماقتا.

613261
رەھبەرلەر سىئىرتتىكى كان گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىئىرت ۋىلايىتىنىڭ شىرۋان ناھىيەسىدىكى مىس كېنىدا گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن كان بىر خۇسۇسىي شىركەتكە ئائىت بولۇپ، سەككىز يۈك ئاپتوموبىلى ۋە ئۈچ موتورمۇ تۇپراق ئاستىدا قالغان. سىئىرت ۋالىي مەھكىمىسىدە قۇرۇلغان ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشچىلىقىدا، ۋىلايەتلىك تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، تىببىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرىمۇ ئىشچىلارنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان.

سىئىرت ۋالىي مەھكىمىسى ئېلان قىلغان مەلۇماتلاردا، رايوندا تۇپراق كۆچۈش خەتىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ كونتروللۇق ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. مەلۇماتلاردا يەنە، تۇپراق كۆچۈشنىڭ شىددەتلىك ياغقان ھۆل-يىغىن سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلارغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئالدى.

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىمۇ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات ئېلان قىلىپ، مىنىستىرلىقنىڭ مەسلىھەتچىسى فاتىھ دۆنمەزنىڭ باشچىلىقىدا رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پاكىستان ۋە ئۆزبېكستان زىيارەتلىرىدە ھەمراھ بولۇۋاتقان مىنىستىر بەرات ئالبايراقنىڭ ۋەقەگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىن مەلۇمات ئېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىنىڭ ئىشچىلارنى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن سىئىرتقا يېتىپ بارغانلىقى ئەسكەرتىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر