207 ئاھالىلەر رايونى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلىغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدىكى توقۇنۇشلاردا بىر ئۆكتىچى شېھىت بولدى، 14 ئۆكتىچى يارىلاندى.

611917
207 ئاھالىلەر رايونى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەر، قاراداغنىڭ قەبباسىن ۋە ئەلكۇفەير ئاھالىلەر رايونىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالدى. توقۇنۇش جەريانىدا دائېشقا ئەزا 3 تېررورچى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى.

ھەرىكەت باشلىغاندىن بۇيان 207 ئاھالىلەر رايونىنىڭ كونتروللۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

دائېشنىڭ 74، پ ي د / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 1 نۇقتىسى توپقا تۇتۇلدى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىستىھكاملىرى بىتچىت قىلىندى.

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن خالىيلاشتۇرۇلغان رايونىدا 8 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچ پىلانلىق ھالدا چۇۋۇپ تاشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر