بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرۇمپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد تىرۇمپ تۈركىيەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

609224
بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرۇمپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكنىڭ 45 – پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد تىرۇمپنى تېلېفوندا تەبرىكلىدى.

بىنالى يىلدىرىم تېلېفون سۆھبىتىدە سايلام نەتىجىلىرىنىڭ ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن خەيرىلىك بولۇشىغا تېلەكداشلىقىنى بىلدۈردى. ئۆزئارا ھۆرمەت، ئورتاق مەنپەئەت ۋە قىممەت قاراشلارنى ئاساس قىلغان تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ھەر قانداق چاغدىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد تىرۇمپمۇ بىنالى يىلدىرىمغا رەخمەت ئېيتتى. تۈركىيەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگنىڭ ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبەتتە يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئورتاق نىشان بىلەن ھەرىكەت قىلىش مىخانىزىمىنىڭ كۈچەيتىلىشى ۋە بۇ دائىرىدە ئۆزئارا  يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىشىغا بولغان ئورتاق ئىرادە تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر