«تۈركىيەگە خاس پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى تۈركىيەنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەگە خاس پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىنىڭ تۈركىيەنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

608456
«تۈركىيەگە خاس پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمى تۈركىيەنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان قاتارنىڭ «‹ئەلجەزىرە› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مۇھىم سۆز قىلدى. جۇمھۇر رەئىس «‹ئەلجەزىرە› تېلېۋىزىيە قانىلى» دا ئىككى قىسىم ھالىتىدە تارقىتىلغان سۆزلىرىدە، تۈركىيەدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتلەر، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۆز ئالدىغىلا ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان دەۋر، پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە ئالاقىدار بەس – مۇنازىرىلەر ۋە 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ خىزمەت دائىرىلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ ئەمما پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇۋاتقان ئۈلگىلىك ئىككى كۈچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىزمەت تۈزۈلمىلىرى ئوخشاش بولماسلىقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويايلى. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم مۇنداق: بىز ئەنئەنىلىرىمىزگە ئاساسەن تۈركىيەگە خاس پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىنى يولغا قويايلى. چۈنكى بۇ تۈزۈم تۈركىيەنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.»

تۈركىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەتلەر دۆلەتنى باشقۇرغان مەزگىللەردە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، ئۆزى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن دەۋردىن بۇرۇنمۇ ئاساسىي جەھەتتىن بىرلەشمە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەدە بىرلا پارتىيە دۆلەتنى باشقۇرىدىغان دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: « 7 – ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا بىرلا پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقالمىغانلىقي ئۈچۈن، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈلدى، ئەمما بۇ پىلان ئىشقا ئاشمىدى. شۇنىڭ بىلەن، سايلام تەكرارلاندى. نەتىجىدە خەلقنىڭ مىللىي ئىرادىسى بىرلا پارتىيەلىك ھاكىمىيەت يولىنى ئاچتى.تۈركىيە نۆۋەتتە خەلقئارالىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەڭ كۆپ جەلپ قىلىۋاتقان بىر دۆلەت.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر