ئەردوغان بىلارۇسىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

ئەردوغان تۈركىيە دىنىي ئىشلار ۋەقپىسى تەرىپىدىن قايتىدىن ياساپ چېقىلغان مىنسىك جامەسىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كېسىدۇ.

606210
ئەردوغان بىلارۇسىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت 11 – نويابىردا بىلارۇسىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر لۇكاشەنكونىڭ باشچىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، ئۆزئارا ۋە رايون خاراكتېرلىك يېڭى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشتا يەنە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىشىغا ئالاقىدار ھەمكارلىق ئىمكانىيەتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنى ھەمدە ھەر خىل كېلىشىملەرنىڭمۇ ئىمزالىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

ئەردوغان يەنە، تۈركىيە – بىلارۇسىيە سودا – سانائەت مۇنبىرى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.  تۈركىيەنىڭ دىنىي ئىشلار ۋەقپىسى تەرىپىدىن قايتىدىن ياساپ چېقىلغان مىنسىك جامەسىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كېسىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر