ئەنگلىيە پارلامېنتىدا 15-ئىيۇل ھەربىي ئىسيانى مۇھاكىمە قىلىندى

ئەنگلىيە پارلامېنتىدا تۈركىيەدە 15-ئىيۇل كېچىسى يۈز بەرگەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى مۇھاكىمە قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

601900
ئەنگلىيە پارلامېنتىدا 15-ئىيۇل ھەربىي ئىسيانى مۇھاكىمە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى ھېسابلىنىدىغان ئاۋام پالاتاسى چىرچىل زالىدا، سىياسەتچىلەر، ئاكادېمىكلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشى قاتناشقان «15-ئىيۇل تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى: ۋەقەلەر ۋە ھەقىقەتلەر» تېمىسىدا لېكسىيە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. يىغىندا، «كۈندىلىك ساباھ گېزىتى» نىڭ يازغۇچىسى مەريەم ئىلايدا ئاتلاس سۆز قىلىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن تىراگېدىيەلىك كېچە بولغان 15-ئىيۇلدا دېموكراتىيەنى قوغداش ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 15-ئىيۇلنىڭ تۈركىيەدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش تارىخىدا مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«كۈندىلىك ساباھ گېزىتى» نىڭ ستون يازغۇچىسى بۇرھانەتتىن دۇران ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ، خەلقنىڭ دېموكراتىيەنى ۋە دۆلىتىنى جان-جەھلى بىلەن قوغدايدىغانلىقىنى تەخمىن قىلالمىغانلىقىنى، تۈرك خەلقىنى ئويلاشمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر گېزىتنىڭ ئىقتىساد مۇدىرى ۋە ستون يازغۇچىسى شەرەف ئوغۇز ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، تۈرك خەلقىنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان ھالدا تانكىلارغا قارشى تۇرۇپ، ھاياتىنى خەتەرگە ئىتتىرىپلا قالماستىن، ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەرەف ئوغۇز مۇنداق دېدى:

«جىددىي ھالەت بولۇشىغا قارىماي، كىشىلەر ۋە شىركەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇرۇنقىدەك داۋاملىشىۋەردى. مىنىستىرلار خىزمەت پىلانلىرىنى ئۆزگەرتمىدى.»

شەرەف ئوغۇز ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتى يۈز بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كىشىلەرنىڭ 9 مىليارد دوللارنى تۈرك لىراسىغا ئالماشتۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ساباھ گېزىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان «ساباھ يازغۇچىلار كۇلۇبى»، غەرب دۇنياسىنى 15-ئىيۇلغا مۇناسىۋەتلىك توغرا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش، چەت ئەللەردە تۈركىيەگە قارشى قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان خاتا تەشۋىقاتلارغا قارشى كۈرەش قىلىش مەقسىتىدە، لوندوندىن كېيىن مۇشۇ ئاي ئىچىدە ۋاشىنگتوندا، دېكابىر ئېيىدا بىريۇسسېلدا ۋە يانۋاردا بېرلىندە لېكسىيە يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر